باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي شەھىرى ئالاقىدار يولغا قويۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى
رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ سودا قىلىپ كارخانا قۇرۇشى قېلىپلاشتۇرۇلدى

2015.05.05 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم 4-ماي «شاڭخەي شەھىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسى، پەرزەنتى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىسىنىڭ سودا قىلىپ كارخانا قۇرۇش قىلمىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى ۋە يولغا قويدى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شاڭخەي شەھىرىدىكى شەھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسى سودا قىلىپ كارخانا قۇرسا بولمايدىكەن؛ پەرزەنتى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىسى مەزكۇر شەھەردە سودا قىلىپ كارخانا قۇرسا بولمايدىكەن. شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك پارتكومغا قاراشلىق ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئىدارە دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ 1-قول رەھبەرلىرى، رايونلۇق، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1-قول رەھبەرلىرى، شەھەر باشقۇرۇشىدىكى قانۇن بويىچە مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ 1-قول رەھبەرلىرى قاتارلىق خىزمەت ئورنىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسى سودا قىلىپ كارخانا قۇرسا بولمايدىكەن؛ پەرزەنتى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىسى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جايلار ياكى كەسىپ دائىرىسى ئىچىدە سودا قىلىپ كارخانا قۇرسا بولمايدىكەن، مەزكۇر شەھەردە جامائەت مەنپەئىتى بىلەن توقۇنىشىدىغان سودا قىلىپ كارخانا قۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر