خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتۇسى: يوپۇرغا ناھيەسى 5-ئاينىڭ 2-،3-كۈنلىرى «جەڭگىۋار روھى ھالىتىمىز بىلەن تېخىمۇ گۈزەل يوپۇرغا قۇرۇپ چىقايلى» باش تىمىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، يوپۇرغا ناھيەسىنىڭ مىللىيچە چېلىشىشى 5-نۆۋەتلىك دۆلەت دەرجىلىك غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى كۈندە ناھيە تەۋەسىدىكى ۋە خوشنا ناھيە(شەھەر) لەردىن كەلگەن چېلىشىش ماھىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋار روھى ھالىتى بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇسابىقىنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسنىڭ رەھبەرلىرى كۆردى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ تەنتەربىيە قانىلى مۇخبىرلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسىنى زىيارەت قىلىپ مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى.
سۈرەتتە: چېلىشىش پائالىيتىدىن كۆرنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى