خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) باي ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن، باي ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزىلاردىن تاللانغان ماھارەت ئېگىلىرى قاتناشقان «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دەۋر روھىنى ياڭرىتايلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى «ماھارەت سەھنىسى» مۇسابىقىسى 5 – ماي باي ناھىيەسىنىڭ توخسۇن يېزىسىدا باشلاندى. ئىگىلىشىمچە تۆت ئاي تەييارلىق قىلىنغان بۇ مۇسابىقە شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە بىر يېزا ياكى بازاردا ئۆتكۈزۈلىنىدىكەن.
سۈرەتتە: ماھىرلار مۇسابىقىدە نومۇر ئورۇندىماقتا.
مەنبە: خەلق تورى