باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ياسىغان ماشىنا ئادەم ئىجتىمائىي تەشكىلاتىلار دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

2015.05.05 09:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ياسىىغان ماشىنا ئادەم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق ماشىنا ئادەم دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ VEX تۈرىدىكى شۆبە مۇسابىقە رايونىدا 5-لىككە ئېرىشىپ ، بىردانە ئالتۇن مىدالغا ئېرىششتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

  4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەندە ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى كۇچا ئايرۇدۇرۇمىغا بالدۇرلا كېلىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنى قارشى ئالدى ۋە گۈل تەقدىم قىلىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. ئىگىلنىشىچە بۇ قېتمقى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقسىنىڭ VEX تۈرىگە دۇنيا بويىچە 450 ئەترەت قاتناشقان بولۇپ بەش مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنگەن. ھەر بىر مۇسابىقە رايونىدا 90 دىن ئەترەت بار. جۇڭگوغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان كۇچا 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەي نىڭ، ئېلىزات، شۈ يىخاۋ قاتارلىق ئۈچ ساۋاقداش دېڭىز ئوكيانلارنى ئاتلاپ مۇسابىقىگە قاتناشقان. مۇسابىقىدە ماھىرلارنىڭ جاپالىق جەڭ قىلىشى ئارقىلىق شۆبە مۇسابىقە رايونىدىكى ئون قېتىملىق تۇتۇشتا سەككىز قېتىم يېڭىپ ئاخىرىدا شۆبە مۇسابقىە رايونىدا بەشىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

  كۇچا خەلق رادىئو ئىستانىسىدىن : نۇرىمانگۈل داۋۇت

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر