باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ماي دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۆمۈر يوللار يولۇچىلار قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى

2015.05.04 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-ماي پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يوللاردا توشۇلغان يولۇچى 8 مىليون 355 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى؛ توشۇش بىخەتەر مۇقىم تەرتىپلىك بولدى.

  2-ماي بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى توشۇغان يولۇچى 935 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشتى. شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسى توشۇغان يولۇچى بىر مىليون 786 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشتى. گۇاڭجۇ تۆمۈر يول گۇرۇھى توشۇغان يولۇچى بىر مىليون 89 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشتى. يولۇچىلار پويىزىدىن 327 سى كۆپەيتىپ سەپلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر يول ئىدارىلىرىدىن ھالقىغان ئوتتۇرا ئۇزۇن مۇساپىلىك يولۇچىلار پويىزىدىن 46 سى، تۆمۈر يول ئىدارىلىرى باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى يولۇچىلار پويىزىدىن 281 بار.

  3-ماي مەملىكەت بويىچە توشۇلغان يولۇچى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا، كۆپەيتىپ سەپلەنگەن يولۇچىلار پويىزى 435 كە، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر يول ئىدارىلىرىدىن ھالقىغان ئوتتۇرا ئۇزۇن مۇساپىلىك يولۇچىلار پويىزى 58گە ، تۆمۈر يول ئىدارىلىرى باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى يولۇچىلار پويىزى 377 گە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ھازىر توردا بېلەت سېتىۋالغان يولۇچىلار بېلىتىنى تېخى قولىغا ئالمىدى، پويىز بېلىتىنى تور ياكى تېلېفوندا زاكاز قىلغان يولۇچىلار يېقىن جايدىن پويىز بېلىتىنى بالدۇرراق چىقىرىۋېلىڭلار. سەپىرىڭلارغا دەخلى يەتمەسلىكى ئۈچۈن، يولۇچىلار يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدە پويىز بېلىتى بىلەن بېلەت يۈزىدىكى ئۇچۇر بىردەك بولغان كىملىكنى ئېلىپ، ۋوگزالغا مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىپ ۋوگزالغا كىرىش رەسمىيىتىڭلارنى بېجىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر