خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ماي، 2-نۆۋەتلىك «چېڭتىيەن لوڭقىسى» تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈش راللى مۇسابىقىسى شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسىدە باشلاندى، يۈزدەك ماھىر 50تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئەڭ تەس بولغان مۇسابىقە بۆلىكى يېڭىئۆستەڭ ئالۋاستى مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلىشىدۇ.
تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى قۇملۇق T3 مۇسابىقە بۆلىكىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، يەككە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ۋە تۈرلۈك يەر شەكلى دالا مۇسابىقىلىرى بار. مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپاتى 300 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئۈچ كۈندە ئاياقلىشىدۇ.