باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە ئېگىلمەس-سۇنماس روھ بارلىققا كەلدى

2015.05.04 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن 25-ئاپرېلدىكى يەر تەۋرەشتە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى رىكازى شەھىرىنىڭ نىلامۇ، جىلوڭ، دىڭرى ناھىيەلىرى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى. 1-ماي سائەت 12 گىچە، قاتتىق يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن شىزاڭدا 26 ئادەم قازا قىلدى، ئۈچ ئادەم يوقاپ كەتتى، 856 ئادەم يارىلاندى، 300 مىڭغا يېقىن ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىدى.

  2-مايغىچە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىدىن 53 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىشقا سېلىندى، تۈرلۈك ماشىنا ئىككى مىڭغا يېقىنلاشتى، تىك ئۇچارلار 48 قېتىم قاتنىدى، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھازىر جاڭمۇ بازىرىدىن كېچە-كۈندۈز يۆتكىلىۋاتقان ئامما لازى ناھىيەسى، نىلامۇ ناھىيەسى ۋە رىكازى شەھەر ئەتراپىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدىكى چېدىرلارغا ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىسسىق تاماق يېيەلەيدىغان بولدى. لازى ناھىيەسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نەق مەيدانىغا مىڭدىن ئارتۇق چېدىر رەتلىك تىكىلدى، ئاممىغا بېرىلىدىغان بولكا، تەييار چۆپ قاتارلىق ئەشيالار رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلدى، نەق مەيداندا يەنە تېببىي خادىملار ئاممىنىڭ بەدىنىنى تەكشۈردى.

  شىزاڭلىقلار تەرىپىدىن «بەخت جىلغىسى» دەپ ئاتالغان جىلوڭ بازىرىدىكى ئاپەتمۇ ئېغىر بولدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە قىسمى، ھۆكۈمەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەر تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ، چېدىر تىكىشىگە ياردەملەشتى. نۆۋەتتە، جىلوڭ جىلغىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا 226 چېدىر تىكىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 1400 دىن ئارتۇق ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جىلوڭ بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ چېدىرلاردا دەرسنى داۋاملاشتۇردى.

  جاڭمۇ ناھىيەسىدىكى لابا چۈجېن موماي بىلەن جوما موماي كۆز يېشى قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بولغاچقا، بىزنىڭ يۇرت-ماكانىمىزنى قايتا قۇرۇپ، يېڭىباشتىن گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىمىز چىڭىدى دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر