باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 1-مايدىن باشلاپ ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى

ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ

2015.05.04 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى» 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇ ئېلىمىزدە ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئېلىمىز پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامانەت پۇل قويغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىز بانكا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ئامانەت پۇل قويغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى ئېلىمىز چېگرىسى ئىچىدىكى قانۇنلۇق تەسىس قىلىنغان قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە سودا بانكىسى(چەت ئەل مەبلىغى قانۇنىي ئىگە بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامانەت پۇل تۈرىدىكى بارلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قاپلايدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامانەت پۇل تۈرىدىكى بارلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.

  ئامانەت پۇلىنى قاپلاش دائىرىسىدىن قارىغاندا، خەلق پۇل ئامانىتى ۋە چەت ئەل پۇل ئامانىتى؛ شەخسىي ئامانەت پۇلى ۋە كارخانا، باشقا ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلى؛ دەسمايە ۋە ئۆسۈملەرنىڭ ھەممىسى ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

  بانكا تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئامانەت پۇل سۇغۇرتا فوندىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئامانەت پۇل سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نىزامدا ئامانەت پۇل سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە چەكلىمە قويۇلۇپ، ئامانەت پۇل سۇغۇرتا فوندىنى بىخەتەر، كۆچمە ۋە قىممىتىنى ساقلاپ، ئاشۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئىشلىتىش بەلگىلەندى، جۇڭگو خەلق بانكىسىدا مەخسۇس ئىسچوت ئېچىپ، خەلق بانكىسى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى پەقەت پۇلنى مەركىزىي بانكىغا قويۇش، ھۆكۈمەت زايومى سېتىۋېلىش ۋە مەركىزىي بانكىنىڭ چېكى قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر