- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈننەن ھۆكۈمەت تەرەپ ساياھەتچىلەرنى تىللىغان ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ كىنىشكىسىنى بىكار قىلماقچى
2015.05.04 16:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزى ئورگان مىكرو بىلوگى «مەركىزىي تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈننەن ساياھەت قانۇن ئىجرا باش ئەترىتى ساياھەتچىلەرنى تىللاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق «كۈنمىڭ سىيۈەن ساياھەت يېتەكچىلىك شىركىتى»نىڭ ساياھەت يېتەكچىسى چېن xxنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى بىكار قىلىپ، ساياھەت كوپىراتىپىنى ئىشتىن توختىتىپ تۈزەشكە بۇيرۇدى ھەمدە ساياھەت كوپراتىپىنىڭ مەسئۇلىغا 20مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى. بۇندىن ئىلگىرى ساياھەتچىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ساياھەت كوپراتىپى قىسمەن ساياھەتچىلەردىن كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە ھەربىر كىشىگە 500يۈەندىن تۆلەم بەرگەن.
4-ئاينىڭ 12-كۈنى سۆرەتكە ئېلىنغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئايال ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىلەرنى مالنى جىق سېتىۋالمىدى دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ، «ۋىجدانىڭلاغا يۈز كېلەلەمسىلەر؟ ئازغىنا ۋىجدانىڭلارمۇ بولمىسا، جازارىڭلارنى تارتىسىلەر!» دەپ تىللىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر