خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇندىن چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00گىچە، قەشقەر پوسكام ناھىيەسىدە تۇيۇقسىز كۈچلۈك چاڭ ـ توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلدى، توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىۋاتقان چاڭ ـ توزان قارا بوراندەك غايەت زور بۇلۇت توپى ھاسىل قىلىپ، غەربىي شىمالدىن سۈرۈلۈپ كەلدى، دەقىقە تېزلىكىدە، ئەسلىدىكى سۈپسۈزۈك ھاۋانىڭ چاڭ ـ توزان قاپلاپ كۆرۈش ئارىلىقى 10 مېتىرغىمۇ يەتمەي قالدى.
مەنبە: خەلق تورى