باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2015.06.10 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەش پىلانىنى ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.زۇڭلى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىمىز ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەيدۇ، شۇڭا بۇ قېتىملىق ئورگان- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەشتىمۇ ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇق. بۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپ، «يان ئىشىك»نى ئېتىپ، «ئۇدۇل ئىشىك»نى ئېچىشقا پايدىلىق.

  ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلار 1-سەپتە تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مائاشى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ كەلدى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلىرىنىڭ باشقارما دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەمۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرلارنىڭ خىزمەت ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئىشلەيدۇ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ مائاشى تەڭشەلمىدى.

  يېقىندا ئېچىلغان ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا، لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيىۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مەمۇرلارنى قاراشنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، «كۈن بويى قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىش»، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئىش قىلالايدىغان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شۇ چاغدا ئۇ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم «يان ئىشىك»نى ئېتىپ، مەمۇرلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تەقسىماتقا قاتنىشىش، نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە «ئۇدۇل ئىشىك»نى ئېچىپ نورمال مائاش ئۆستۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلۇق تەمىناتى ۋە تېگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرى، دۆلەت مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتنىڭ باشقارما دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەمۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مائاشنى تەڭشەشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چوقۇم ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا تەكىتلىدى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر