دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئىيۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئانگولا زۇڭتۇڭى دوس سانتوس بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئانگولانىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئانگولانىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئەۋزەللىكىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق بېيىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشقا قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئانگولا ياخشى قېرىنداشلاردىن ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن. 2010-يىلى مەن ئانگولادا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت رەسمىي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانىدى. بەش يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جۇڭگو-ئانگولا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد-سودا، قاتناش، ئېلېكتىر كۈچى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى.
سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ دوس سانتوسنى قارشى ئالدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى قاتارلىقلار قارشى ئېلىشقا قاتناشتى.