باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى

2015.06.16 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىش جىنايى دېلوسىدىن 2104 نى، بۇنىڭغا چېتىشلىق 2908 ئادەمنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، بۇنىڭ %50 كە يېقىنى مەخسۇس مەبلەغ ساھەسىدىكى دېلو ئىكەن.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىشنى تەپتىش قىلىش نازارىتىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىش دېلولىرىدا جەمئىي 363 ئادەم قازا قىلدى، 70 ئادەم ئېغىر يارىلاندى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئىككى مىليارد 983 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇندىن باشقا، جىنايەتمۇ بىر قەدەر مەركەزلەشكەن مەسئۇلىيەتسىزلىك تۈرىدىكى دېلولار ئىچىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى ۋە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى %86.31 نى ئىگىلىدى. تەكشۈرۈلگەن جىنايەت گۇماندارلىرى ئىچىدە، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىسى 1994 بولۇپ، دېلودىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %68.6 نى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، چېتىلغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولدى، باشقا ھەر قايسى تارماقلاردىن تەكشۈرۈلگەنلەر ئىچىدە بىر قەدەر مەركەزلەشكىنى يېزا ئىگىلىك، دۆلەت زېمىنى، ئورمانچىلىق، تۇرالغۇ قاتارلىق تارماقلار بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر