باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىستودېنتلارنىڭ يېزىلارغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش سىياسىتى بېكىتىلدى دېدى

2015.06.11 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، مالىي مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىش تەدبىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، مالىيە سىياسىتىنىڭ ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى پائال رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىستىمال پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مەملىكەت دائىرىسىدە كېڭەيتىش، ئىستىمالنىڭ ئىقتىسادغا قارىتا تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى، چىگرا ھالقىغان ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭ ساغلام، تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق خادىملارنىڭ يېزىلارغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىگە مەدەت بېرىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئومۇمنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىستودېنتلار ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنگەن ئەسكەرلەر قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش، كۆپچىلىك ئىگىلىك تىكلەش، ئومۇم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەڭ يېزا-بازارلاردا تۈرلۈك كەسپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن يول ئاچىدىغان، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە يېزا قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. يىغىندا مۇنداق بېكىتىلدى: بىرىنچى، ئىگىلىك تىكلەش سورۇنلىرىنىڭ تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، «بىر ئورۇنغا كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش»، تۈركۈملەپ رويخەتكە ئېلىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىككىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق خادىملارنىڭ يېزىلارغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە قارىتا نىشانلىق باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللىنىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان كاپالەتلىك قەرز پۇلغا بەلگىلىمە بويىچە ئۆسۈم بېرىش. ئۈچىنچى، يېزىلارغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش بىر قەدەر مەركەزلەشكەن رايونلاردا ئوتتۇرا، كىچىك ، مىكرو كارخانىلار بىرلەشمە زايومىنى تارقىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش. بانكىلارنى ئىناۋەتلىك قەرز مەدىتى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش. تۆتىنچى، ھازىر بار تەرەققىيات رايونلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپلەر باغچىسى ئارقىلىق يۇرتىغا قايتقۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ۋە يېتىشتۈرۈش بازىسىنى قۇرۇش. ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا مەدەت بېرىپ، توردا ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش. بەشىنچى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت سېستىمىسىغا كىرگۈزۈش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ، يۇرتىغا قايتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ تىجارەتنى ياخشىلاپ، بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر