باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى 313 كادىر تەكشۈرۈلدى

2015.06.17 14:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەپتىش ئورگانلىرى ‹‹چىۋىن تىپىدىكى›› چىرىكلىشىش دېلولىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  ياڭ شۇخەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلامدا يۈز بەرگەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ‹‹چىۋىن تىپىدىكى›› چىرىكلىشىش دېلوسىدىن 265 نى تەكشۈرۈپ، 313 كىشىنى بىر تەرەپ قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى، مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا چېقىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان چىرىكلىشىش دېلولىرى ئارىسىدا، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق دېلوسىدىن 207 سى تەكشۈرۈلۈپ، 247 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان؛ دېلوغا چېتىشلىق سومما 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلاردىن 125 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %50.6 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دېلوغا چېتىشلىق سومما 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلاردىن 22 كىشى بار. مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىش دېلوسىدىن 58 ى تەكشۈرۈلۈپ، 66 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىدىن 17 سى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش دېلوسىدىن 27 سى بار.

  جاڭ يۇڭ ‹‹چىۋىن تىپىدىكى›› چىرىكلىشىش دېلولىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كىچىك ئەمەلدارلار نۇرغۇن پۇلغا خىيانەت قىلىش ھادىسىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك. مەسىلەن: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن داۋانچىڭ رايونى داۋانچىڭ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن XX خىيانەت قىلغان ھەم پارا ئالغان پۇل 2 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. مۇشۇ بازارلىق مالىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن XXمۇ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا خىيانەت قىلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىكىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ساھەسىدە خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرى كۆپ يۈز بەردى. بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ساھەسىدە يۈز بەرگەن خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىدىن 123ى تەكشۈرۈلۈپ، 146 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇلار يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش مەبلىغى ۋە ئاشلىق بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ. خېجىڭ ناھىيەسى ئالغۇ يېزىسى ئالغۇ كەنتىنىڭ سابىق پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەيرې 2012 – يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يالغان مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپات مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىپ، ئۆزى 85 مىڭ 247.04 يۈەنگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.

  يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ چىرىكلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى 176 خىزمەتچى خادىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ، دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %56.2ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى يېزا – بازاردىكى پونكىت ۋە يېزىلاردىكى ‹‹ئىككى كومىتېت›› خادىملىرىغا چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىدىن 34ى بار. مەسىلەن: لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى قارچۇغا يېزىلىق ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئەركىن ھەبىبۇللا ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغاچقا، باشقىلار توغراقلىقتىن قانۇنسىز 742 مو يەر ئېچىپ، 4 مىليون 950 مىڭ يۈەن زىيان يەتكۈزگەن؛ ئۇ يەنە باشقىلاردىن 30 مىڭ يۈەن پارا ئالغاچقا، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ۋە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساسلىق ساھەلەردە خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا سىستېمىلىشىۋاتقانلىقى ھەم شايكىلىشىۋاتقانلىقى بايقالغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى يوشۇرۇن دېلولار، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش دېلولىرى ۋە دېلو ئىچىدىكى دېلولارنى چوڭقۇر قېزىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان. كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئۇلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساسلىق ساھەلەردىكى بۇنداق مۈشكۈل دېلولارنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئامما بەك نەپرەتلىنىدىغان بىر تۈركۈم ‹‹چىۋىن تىپىدىكى›› چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر