- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋسترالىيەدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم قۇرامىغا يەتكەنلەر: جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىي شېرىكى دەپ قارايدىكەن
2015.06.17 16:58 مەنبە: خەلق تورى
ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى بولغان روي خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ 16-ئىيۇن ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم قۇرامىغا يەتكەنلەر: جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىي شېرىكى دەپ قارايدىكەن. روي خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى 2015-يىلى 2-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان مەزگىلىدە، ئاۋسترالىيەلىك 1200 قۇرامىغا يەتكەنلەرنى تېلېفوندا تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، % 77 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى: جۇڭگونى ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىي شېرىكى دەپ قارىغان، %15 كىشىلەرلا جۇڭگونى ھەربىي تەھدىت دەپ قارىغان. %73 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىمەكتە، ئاۋسترالىيە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك دەپ قارىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر