باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ ئىلھام بېرىلىدۇ

2015.06.16 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى شىن چاڭشىڭ 12-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەت خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مىنىستىرلىقىمىز ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  شىن چاڭشىڭ مۇنداق دېدى: يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش-ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى، بەلگىلىك مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى توپلىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىرادە باغلىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئامما ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم كۈچى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمگەك زىچ توپلاشقان كەسىپلەر شەرقىي رايوندىن ئوتتۇرا، غەربىي رايونغا يۆتكىلىش جەريانىغا غايەت زور سودا پۇرسىتى يوشۇرۇنغان، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇرسىتى ۋە بوشلۇقى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر