باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بەنچەن ئېردېنى چۆجىجىبۇنى قوبۇل قىلدى

2015.06.12 17:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردېنى چۆجىجىبۇنى قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ دۇئا ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 10-بەنچەننىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىغا، بۇددا دىنىنىڭ مەڭگۈ باراۋەر بولۇش، مېھرى شەپقەتلىك بولۇش قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، زاڭزۇ بۇددا دىنى تەلىماتىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇر بۇددا دىنى تەلىماتىغا ئىگە ۋە راھىبلىق يۇسۇنلىرىغا ئىگە ئامما ئېتىقاد قىلىدىغان ئىززەت ھۆرمەتلىك زاڭزۇ بۇددا دىنى گېگىنىگە ئايلىنىشقا دەۋەت قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنى قوبۇل قىلدى

  بەنچەن شى جىنپىڭغا خادا تەقدىم قىلدى ھەمدە گېگەن بولغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىختىن بۇيان شىزاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ يىل شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ،شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 2020-يىلغىچە شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ بەنچەننىڭ زاڭزۇ بۇددا دىنىنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنگە كەڭ قۇچاق ئېچىپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىنى؛ دىنى تەلىماتلارنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باراۋەر، كەڭ قورساق بولۇش، نامراتلارنى يۆلەپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىجابىي ئىدىيەلەرنى نۇرلاندۇرۇپ، تىرىشىپ دۇئا تىلاۋەت قىلىپ، دىنىي تەلىمات ساۋاتى ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيىتى ۋە زامانىۋى ئىلمىي مەدەنىيەت ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاخىرىدا شى جىنپىڭ بەنچەننىڭ راھىبلىق قۇتىنىڭ ئېشىپ، ئىشلىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  بەنچەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10- بەنچەننى ئۈلگە قىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەت ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم تەربىيەسىنى مەھكەم ئېسىمدە ساقلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، زاڭزۇ بۇددا دىنىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشى ۋە شىزاڭنىڭ ئىناقلىقى مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر