باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگودىن ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا ئۆي سېتىۋىلىش دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ، ئامارىكا ئۆي سېتىۋىلىش بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى

2015.06.17 15:30   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگودىن ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا ئۆي سېتىۋىلىش دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ، ئامارىكا ئۆي سېتىۋىلىش بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئامېرىكا «دۇنيا گېىزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش دولقۇنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىق ياش تېخىچە ئۆي ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇش غېمىدە يۈرگەندە، ئەقىللىق جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋىلىشى، ئۆي ئىجارە ئالغانغا قارىغاندا پايدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇنىڭلىق بىلەن كۆپلىگەن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۆي ئىجارە ئېلىشتىن ئۆي سېتىۋىلىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆي سېتىۋىلىش بازىرىدا داۋالغۇش بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان.

  ماسسا چۇستېش شىتاتى ئامېرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئەڭ كۆپ شىتات. چەتئەلدىن ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇش پۇلىمۇ يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تۇرالغۇ ئۆيگە بولغان ئېھتىياجمۇ ئاشماقتا، ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىمۇ ماس قەدەمدە گۈللەنمەكتە. بوستون شەھەرىدە بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا قۇربى يەتكەن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ئادەتتە تۆۋەن بولمايدۇ، بوستوندا ئۆي سېتىۋىلىشقىمۇ قۇربى يېتىدۇ. مەسىلەن ئاستون ۋە براندون رايونلىرىدا 300مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا(تەخمىنەن 1مىليون 900مىڭ خەلق پۇلى) بىنادىن ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بوستوندا ئۆي سېتىۋالغاندا سېلىنمىنىڭ قايتىپ كېلىش نىسبىتى يۇقىرى، ئىجارە ھەققى ئارقىلىق سېلىنمىنىڭ قايتىپ كېلىش نىسبىتى بىنالىق ئۆيلەرنىڭ %4.5-%5 كىچە، زېمىن ئۆيلەرنىڭ %9-%10 كىچە بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…