باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 25-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2015.06.15 19:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ئىيۇن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇھاننىسبۇرگدا ئېچىلغان ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 25-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ يىغىنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، ئافرىقا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹2063-يىللىق قارالما››غا ئاپىرىن ئېيتتى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات ۋە مىللىي گۈللىنىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سەمىمىي تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى پەقەت ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا پايدىلىق. نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىشىپ ئورتاق بېيىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ‹‹ھەقىقىي، دوستانە، يېقىن، سەمىمىي›› بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق يېڭى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر