جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئىيۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا رەئىس ئاڭسەن سۇكيى باشچىلىقىدىكى بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-بىرما يېقىن دوستلاردىن ۋە قوشنىلاردىن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان جۇڭگو-بىرمىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ قىلچە ئۆزگەرمىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆپىيىپ، جانىجان مەنپەئەتلىرى بىرىكىپ كەتكەن مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىكى رەھبەرلىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ، بىرمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، بىرمىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىيات يولىنى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، بىرمىنىڭ مىللىي ئىناقلىق مۇساپىسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەن بىرما تەرەپنىڭ جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مەيلى دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە قانداقلا ئۆزگىرىش بولسۇن ھامان جۇڭگو-بىرما دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىمەن.