- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش» كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ
2015.06.16 15:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 12-ئىيۇن دۆلەتلىك ئۆلچەم كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ يولغا قويۇلىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ بەلگىلىمە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىگە ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ماس كېلىدىكەن، بۇ-پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئورگانلىرىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملىك بەرپا قىلىشىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكۈچى بولۇپ، كەسپىي يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر