- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئابى شىنزو 8-ئايدا 2-دۇنيا ئۇرۇشى توختىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلىدۇ
2015.06.17 16:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 8-ئايدا 2-دۇنيا ئۇرۇشى توختىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلىدۇ ھەمدە سۆھبەت تارىخى خاتالىق ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 15-ئىيۇن كەچتە شياڭگاڭ سۇمۇرغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ئابې شىنزۇ توغرىسىدىكى زىيارەتنى كۆرسەتتى. زىيارەت داۋامىدا ئابى شىنزۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە ئىلگىرىكى ئۇرۇش ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خاتا يولدا ماڭمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتمۈشتە ياپونىيە ئاسىيا خەلقىگە زىيان يەتكۈزدى، ئىلگىرىكى خاتالىق ئۈستىدە ئويلىنىشتىن دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا، بولۇپمۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ياپونىيە كۈچ چىقارمىسا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر