باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شەرق ـ 2015-يىللىق» بىرلەشمە قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىدە باشلاندى

2015.06.17 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن، ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان «شەرق ـ 2015-يىللىق» بىرلەشمە قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتى شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىدە باشلاندى. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا، جۇڭگو ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى. شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى قاتارلىق جۇڭگو تەرەپ چېگرا مۇداپىئە تارمىقى بىلەن ئوش ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قاتارلىق قىرغىزىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر -بىرلەپ تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر