باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ‹‹ھەر خىل دەرىجە، خىلمۇ خىل پەرقلەر››نى يوقىتىدۇ

2015.06.17 18:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى يېقىندا ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سەرخىللىشىشى، تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى›› نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹توققۇز يىللىق ئىزچىل ئوقۇش››، ‹‹ئوقۇتقۇچىلار يۈرۈشۈپ تۇرۇش››، ‹‹داڭلىق مەكتەپلەر پۇقراۋى مەكتەپ قۇرۇش›› قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ئەمەلىي ئېرىشكەنلىرى››نى مىزان قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى سەرخىل مائارىپ بايلىقىنى تەكشى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولدى. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى: ‹‹ئۇزاقتىن بۇيان، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار <ھەر خىل دەرىجە، خىلمۇ خىل پەرقلەر> گە ئايرىلدى، مائارىپ بايلىقى ئادەت بويىچە يەنىلا كونا داڭلىق مەكتەپلەرگە مايىللاشتى، ئوقۇتقۇچىلار <ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار>بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان بولدى، بۇ بىز ئارزۇلىغان مائارىپ ئېكولوگىيەسى ئەمەس››، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ‹‹پىكىر››دە 2020 – يىلىغىچە بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى، سەرخىل، تەكشى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەلەپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  ‹‹يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش››تە چىڭ تۇرۇلۇپ، ‹‹مەكتەپ تاللاش››نىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇشقا كىرىش جەھەتتە، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىش پىرىنسىپى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ ۋە چىڭ تۇرۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش نىسبىتى% 100 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش نىسبىتى%95 كە يەتكۈزۈلىدۇ. بېيجىڭ شەھىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئوقۇشقا كىرىش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش سۇپىسى ئورنىتىلىپ، ئوقۇشقا كىرىش جەريانى تولۇق نازارەت قىلىنىدۇ ھەمدە مەكتەپ ئالماشتۇرۇش، باشقا مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەكلىنى ئۆزگەرتىپ مەكتەپ تاللاشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

  ‹‹توققۇز يىللىق ئىزچىل ئوقۇش›› تۈزۈمىدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرى داڭلىق مەكتەپلەر تارماق مەكتەپ قۇرۇش، گۇرۇھلاشقان ئوقۇش باشقۇرۇش، مەكتەپلەر ئارا ئىتتىپاق تۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سەرخىل ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتكەنىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئوقۇش رايونى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەرخىل باشلانغۇچ مەكتەپلەر ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ ياكى ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق توققۇز يىللىق ئىزچىل ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى مائارىپ بايلىقىنى تەكشى سەپلەشنىڭ ئاچقۇچى. بۇنىڭدا، بېيجىڭ شەھىرى بىر تەرەپتىن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ئاتلاپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ئىشلەپ كۆپ ئېلىشىغا، ياخشى نەتىجە يارىتىپ ئوبدان ھەق ئېلىشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بېيجىڭ شەھىرى يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە – ئۈنۈم مائاشىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرۈشۈپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 1 – سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، غول ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ياخشى مەكتەپلەر پۇقراۋى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇشقا يېتەكلىنىدىكەن. ئەمدى ‹‹شۆدا›› مائارىپى، ‹‹يېڭى شەرق›› مائارىپى، ‹‹شانلىق كەلگۈسى›› مائارىپى قاتارلىق مائارىپ تارماقلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشالايدىكەن. پۇقراۋى تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، خاسلاشقان مائارىپقا بولغان ئېھتىياجنىڭ ھۆكۈمەت قۇرغان مەكتەپتىن پۇقراۋى مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدىكەن. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹ياخشى مەكتەپ›› بىلەن ‹‹ناچار مەكتەپ›› دەپ پەرقلەندۈرۈش يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشنى ئىجرا قىلىشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى باش سەۋەب. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر شۇكى، ياخشى مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى تەكشىلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى، ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىراجىتىنىڭ مائارىپنىڭ ئادىل بولۇشى، تەكشى بولۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر