باش شۇجى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇن گۇيجوۋنىڭ زۈنيىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ئۇدۇللا قىزىل ئارمىيە تېغى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى. خاتىرە ئابىدىسىنىڭ ئەتراپىغا ئويۇلغان ئويمىلار شۇ يىللاردىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ قان كېچىپ جەڭ قىلغان مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.