خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭشەھەر يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇلارغا قەرەللىك ھالدا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى ۋە تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىلىملىرى بويىچە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى ئۆستۈردى. تەشۋىق –تەربىيە پائالىيىتى داۋامىدا مۇناسىۋەتلىك خادىملار، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سورىغان تۈرلۈك سۇئاللىرىغا ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا بولغان ياخشى سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: مۇناسىۋەتلىك خادىملار، دېھقان-چارۋىچىلارغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى