باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

3- ۆۋەتلىك جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى رىجاۋدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.06.17 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى 16 -ئىيۇن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئەزىموف، قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جىلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆز قىلدى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، دوستانە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى يېڭىچە دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشتا بىر قاتار ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى ئالتۇن تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشنى تايانچ قىلىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، باراۋەر ھەمكارلىشىشتا، ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق كەم كۇستىسىنى تولۇقلاشتا، كۆپ تەرەپ بىرلىكتە باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايونلار ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش يولى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى يولى، تىنچ ـ خاتىرجەملىك يولى، مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشىش يولىنى ئورتاق ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مېڭ جيەنجۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رىجاۋ ئاۋىياتسىيە سودا مۇلازىمەت مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا رىجاۋ ئەشيا ئوبوروتى رايونىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر