جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يارىتىش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيىگە تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو يادرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ھەم ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
لى كېچياڭ جۇڭگو يادرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىدە «جۇڭگو ئەجدىرھاسى-1» قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ 3-ئەۋلات يادرو ئېلېكتىرىدا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يادرو ئېلېكتىرى جۇڭگونىڭ ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ سەركىسى، بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىمىز، كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرىۋاتىمىز، بۇ جەھەتتە يادرو ئېلېكتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاكىز ئېنېرگىيەگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يادرو ئېلېكتىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بىخەتەرلىك، شۇڭا خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە لايىھەلىىشىمىز، دەلىللىشىمىز، قۇرۇشىمىز، ئىشقا كىرىشتۈرۈشىمىز، سۈپەتتە ئەڭ ياخشى، بىخەتەرلىكتە مۇتلەق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
لى كېچياڭ كۆرۈنمىلىك ئۇلانما ئارقىلىق يادرو ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسى بىلەن قۇرۇلۇش ئورنىدىكى خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ كۆپچىلىكنى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە پايدىلىنىش داۋامىدا ماركا قىلىپ تىكلەپ، شەرەپ قازىنىشقا، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى بىلەن تەسىر كۈچىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىشكە، ئالاقىدار دۆلەت ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، 3-تەرەپ بازىرىنى ئورتاق ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدا، لى كېچياڭ «جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى 2015»، چوڭ-چوڭ جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئۆلچەملەرنى بېكىتىش، «ئالاقەت تورى + ياسىمىچىلىق» قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سانائەت ياسىمىچىلىقى خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرىكى، ئۇ تەرەققىيات ۋە دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى. ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قايتا سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تىزلىتىشكە كۈچەۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى پەيدا قىلغان بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى، كونا كەسپلەر بىلەن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئۆزگەرتىش-داۋاملاشتۇرۇش مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى يۇغۇرۇش يولىغا مېڭىشى، ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ۋە كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يېڭى يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاش، ئوتتۇرىھال ۋە يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بولىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى