باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى چارىسى» كېلەر ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىندۇ

ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2015.06.29 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:28-ئىيۇن، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئالاھىدە تۈزۈگەن«ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى چارىسى» ( تۆۋەندە« ياردەم چارىسى» دېيىلىدۇ ) 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  « ياردەم چارىسى»دە بەلگىلىنىشىچە، تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ماس كىلىدىغان كارخانىلار ۋە شەخسلەر، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھىرلىنىدۇ. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان شۇنداقلا بىر يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان شىنجاڭلىق ئەمگەكچى، ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن؛ جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ۋە بىر يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار؛ «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىگىلىك تىكلەش گۇۋاھنامىسى» ياكى« ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى»نى ئالغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر تۈرلۈك كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 1 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرغانلار؛ ھەمدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرغان ئىشسىزلار ؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغانلارۋە بىر يىلدىن ئارتۇق مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ، ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر