خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئوتقاشتەك قۇياش تەپتى يەر جاھاننى قىزىتقان ئىيۇل ئېيى مول ھوسۇل مەزگىلى، كۆڭۈل ئازادىلىكىنىڭ سېمۋولى، ئىيۇلدا يازنىڭ مېۋىسى، جەننەت نېمىتى ـــ بارىن ئۈرۈكى پىشتى. 26 – ئىيۇن «جۇڭگو بارىن ئۈرۈكى ماكانى» دەپ نامى بار ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈرۈك بايرىمى» ۋە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە بارىن ئۈرۈكىنىڭ ھۇش ھېدى ھەممە يەرنى قاپلىدى.
بارىن ئۈرۈكى چوڭلۇقى، تاتلىقلىقى، گۈلىسىنىڭ گۆشلۈكلىكى بىلەن ئەزەلدىن داڭدار بولۇپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى بىلەن ئالاھىدە باغ – ئورمانچىلىقى تېز تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە «پامىر» ماركىسىدىكى «بارىن ئۈرۈكى»، ياڭاق قاتارلىق قاتارلىق ئالاھىدە باغ – ئورمانچىلىقى كۆلەملىشىپ 234 مىڭ موغا يەتتى.
ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئورازئالى قاشقارباي زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ ماڭا مۇنداق دېدى: بارىن ئۈرۈكى ناھىيەمىزنىڭ سوتلۇق مەھسۇلاتى، سۈپەت دەرىجىسى يۇقىرى ھەم داڭلىق. يېزا- ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، بارىن ئۈرۈكى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ كۆلىمى يىلدىن – يىلغا كېڭەيمەكتە. بۇ قېتىمقى بايرامنى ئۆتكۈزۈشىمىز بارىن ئۈرۈكى ئارقىلىق ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ داڭقىنى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئالاقە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك، باغ ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق تەبىئىي، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا تونۇتۇپ، يېزا – ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، بەختلىك، ئىناق، مۇقىم ئاقتۇ قۇرۇش ئۈچۈندۇر.
مەنبە: خەلق تورى