باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىستودىنتلار سىرتتا ئۆي ئىجارىگە ئالسا مەكتەپكە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك

2015.07.02 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىرتتا ئۆي ئىجارىگە ئېلىش ئىشلىرىنى قىلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، ئادەتتە ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتتا ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم مەكتەپتە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  29-ئىيۇندىن باشلاپ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى كۆپ قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىرتتا ئۆي ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا «پرىسنىپ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ» ۋە «پرىنسىپ جەھەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ»دېگەن بولۇپ، ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپ سىرتىدا ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىمۇ پرىنسىپ جەھەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتتا ئۆي ئىجارىگە ئىلىپ تۇرمىسا بولمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق مەكتەپ چوقۇم باشقۇرۇش مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلدى.نۆۋەتتىكى مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرۇشىنى تەستىقلاش تەرتىپلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرى بىلەن ياخشى پىكىرلىشكەن ئاساستا، مەكتەپ ئىجارىگە ئېلىش ئىسپاتى چىقىرىپ فاكۇلتېت مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى شۇنداقلا مەكتەپ مۇدىرى بىرلىكتە كاپالەتنامىگە قول قويسا ئوقۇغۇچى ئاندىن سىرتتىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرالايدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر