- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گىرىتسىيە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ شۇ كۈنى مۇددىتى توشقان قەرزىنى قايتۇرمايدۇ
2015.07.02 15:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گىرىتسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى ۋالىفاگىس تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: گىرىتسىيە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ شۇ كۈنى مۇددىتى توشقان قەرزىنى قايتۇرمايدۇ، ئەمما يەنىلا قەرز ئىگىسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
گىرىتسىيە ئەسلىدە 30-ئىيۇن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىاتىنىڭ تەخمىنەن 1 مىليارد 600 مىليۇن ياۋرو قەرزىنى قايتۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇ قەرزىنى ۋاقىتىدا قايتۇرمىسا، كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھىساپلىناتتى.
گىرىتسىيە زۇڭلى مەھكىمىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گىرىتسىيە ھۆكۈمىتى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشتىن شۇنداقلا ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاخىرقى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە، ياۋروپا مۇقىملاشتۇرۇش مىخانىزمى بىلەن مۇددىتى ئىككى يىللىق كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر