باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ فىرانسىيەدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى

2015.07.02 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 30-ئىيۇن فىرانسىيەدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، فىرانسىيە تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مول نەتىجىلىك بولىدۇ دېدى.

  فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسسى 3-قانىلىنىڭ شۈ كۈندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بۇ قېتىم فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت 50دىن ئارتۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ، بۇنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 10 نەچچە مىليارد ياۋرودىن ئاشىدۇ.

  فىرانسىيە نۇقتىنەزەر ژورنىلىدا 30-ئىيۇن «جۇڭگو A330تېپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن 75نى سېتىۋالدى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدى: زۇڭلى لى كېچياڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى كۈنى A330تېپلىق ئايروپىلانىدىن 75 سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 16مىليارد 100مىليون ياۋرو كېلىدۇ. ماقالىدە يەنە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىم فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگو زۇڭلىسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم فىرانسىيەگە قىلغان زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ، دېيىلدى.

  «لېمەنىس ئەركىنلىك گېزىتى»دە 30-ئىيۇن «جۇڭگو 2030-يىلغا بارغاندا كاربۇن تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئەڭ چوڭ قىممەتكە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدى: فىرانسىيە 2015-يىلنىڭ ئاخىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، زۇڭلى لى كېچياڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى، تەرەققىيات باسقۇچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئسىتراتىگىيەسى ۋە خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، 2030-يىلغا بارغاندىكى مۇستەقىل ھەرىكەت نىشانىنى بېكتتى. فىرانسىيە «ئەكىس سادا گېزىتى» 30-ئىيۇن ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ بولغىمىنى تېزگىنللەش جەھەتتىكى ئىپادىسىنى خەۋەر قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر