باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پارتىيەنى سۈيۈش، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پارتىيەگە بىر ئۈمۈر سادىق بولۇش، بارلىقىنى بېغىشلاش كېرەك، دېدى

2015.07.02 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، بېيجىڭ، 1- ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئىيۇل دۆلەت ئۆلچەش- سىزىش جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ 1- ئۆلچەش ئەترىتىنىڭ ئالتە پىشقەدەم ئەزاسى، پىشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى جاۋاب خەت يېزىپ، دۆلەت ئۆلچەش 1- ئەترىتىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك تەسىرلىك ئىش- ئىزلىرى ۋە يۈكسەك روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بارلىق ئۆلچەش- سىزىش خىزمەتچىلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇش، خالىسانە بېغىشلاش كۇممۇنىستلارنىڭ ئىسىل پەزىلىتى. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساداقەتمەنلىك ئۆزىنى بېغىشلىشى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. كونىلاردا ئەسلى كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چوروقۇڭنى قۇرۇتما، دېگەن گەپ بار. بارلىق كوممۇنىستلار پارتىيەنى سۆيۈشى، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى،خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، خەلققە مۇھەببەت باغلىشى، بىر ئۈمۈر سادىق بولۇشى، بارلىقىنى بېغىشلىشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بارلىق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر