باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار 1-ئىۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ-كېلىشتە ۋىزا ئىزاھاتى بىجىرىلمەيدىغان بولدى

2015.07.01 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن يېقىندا يېقىندا ئېلان قىلغان «گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەن رايونىغا بېرىپ-كېلىشىنى باشقۇرۇش چارىسى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەن «قارار» دېيىلدى) 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى. «قارار» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەيۋەنلىك ئاھالىلەرنىڭ كۈچكە ئىگە تەيۋەنلىك قېرىداش كېنىشكىسى بولسىلا، ۋىزا ئىزاھاتى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ، يەنى ئوچۇق پورت-ئېغىز ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىپ-كەلسە ھەم چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرسا، ئولتۇراقلاشسا بولىدۇ. ھازىر ئالاقە تورىدا «55 گرادۇسلۇق ئىستاكان»، «لىمون ئىستاكان» ئوبدان سېتىلىۋاتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئىستىمالچى توردىن سېتىۋالغان ئىستاكانلارنىڭ كۆپ كۆپ قىسمى ساختا چىقتى، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «پاتېنىت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش چارىسى» يولغا قويۇلدى، پاتېنىت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان تارماقلار مۇشۇنىڭدەك ئەرزلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ پاتېنىتتا ھوقۇققا چېقىلغان دەپ بېكىتسە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ئۇلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرىۋېتىشى ياكى بۇنداق تور بەتلىرىنى تاقىۋېتىشى كېرەك. شاڭخەي شەھىرى تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش ئاساس سانى بىلەن ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكىنى تەڭشەيدۇ، بېجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمكارلىشىش ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار يولغا قويۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر