باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا جەمئىيەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىغا يۇقۇرى باھا بەردى

2015.07.01 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى» تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئىمزالاندى، بۇ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قانۇن ئاساس سېلىپ بەردى. خەلقئارادىكى سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكىلەر كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا يۇقۇرى باھا بەردى.

  كانادا خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى بويىچە مۇدىر تەتقىقاتچىسى دومىنىك لۇنبادى مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى جۇڭگونى خەلقئارادىكى قائىدىنى قوبۇل قىلغۇچىدىن قائىدىنى تۈزگۈچىگە ئايلاندۇردى، بۇ ئۆزگىرىش دۇنياغا كۈچلۈك، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە سىگنال بەردى. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى كارنىگى خەلقئارا تىنچلىق فوند جەمئىيىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى خۇاڭ يۈچۈەن57 مۇددىئالىق قۇرغۇچى دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى خەلقئارادا كەڭ ۋەكىللىككە ئىگە قىلدى، دېدى.

  ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستىرىدىغان ئۇل ئەسلىھەگە باغلىق، ئاۋىستىرالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇلى. بىشاپ مۇنداق دېدى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى زور، شۇڭا ئاۋىستىرالىيە كېرەكلىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش تەشەببۇسىنى قوللايدۇ.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمىنىڭ رەسمىي ئىمزالانغانلىقىنى قارشى ئالىمەن، دۇنيا بانكىسى جۇڭگو شۇنىڭدەك ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بۇ بانكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرىلىشىگە ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر