باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسى قەشقەر تاۋار يەرمەنكىسىدىكى سودا سوممىسىنى %19 ئاشۇردى

2015.07.02 09:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن،مەريەمگۈل ئابلا خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇرغا ناھىيەسى 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى داۋامىدا سانائەت،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېڭى ئېنىرگىيە قاتارلىق ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 716 مىليۇن بولغان 22 تۈرگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈر مەبلىغىنى 10-نۆۋەتلىك تاۋار يەرمەنكىسىگە قارىغاندا %19 ئاشۇردى.

  يوپۇرغا ناھىيەسى بۇ نۆۋەتلىك قەشقەر تاۋار يەرمەنكىسىگە ناھىيە تەۋەسىدىكى 16 نوقتىلىق سانائەت،يېزا ئىگىلىك كارخانىسى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېڭى ئېنىرگىيە ۋە مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت،ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بولۇپ 20 چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلارنى قاتناشتۇرغان بولۇپ،ھەر قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، ماركا ئەۋزەللىكىنى ۋە سانائەت،يېزا ئىگىلىكى،خەلق تۇرمۇشى،ساياھەتچىلىكتە تۇتقان مۇھىم ئورنى، خاسلىقى، ئالاھىدىلىكىنى سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلارغا تونۇشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. يوپۇرغا ناھىيەسى يەرمەنكە داۋامىدا يەنە، ناھىيەنىڭ مەبلەغ سېلىشقا باپ جۇغراپىيەلىك رايۇن ئالاھىدىلىكى،بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئېتىبار بىرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سودىگەرلەرنى كۆپلەپ جەلىپ قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر