باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك

2015.07.02 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەخمىنەن بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش سۆھبىتى ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى: كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىد بار دېدى.

  30-ئىيۇن مۇددىتى توشۇدىغان ۋاقىتنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەخمىنەن بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش سۆھبىتى ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى: كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىد بار دېدى.

  جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى باۋدۇڭ تۈنۈگۈن سۆھبەت مەيدانىغا بېرىپ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: سۆھبەت تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، بىز مارافونچە يۈگۈرۈشنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە ئازلا قالدۇق. لى باۋدۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ناھايىتى زور دەرىجىدە سىياسىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. بىز سۆھبەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايمىز، لېكىن قىيىنچىلىقنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بۇيان، ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىسىدا ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى لوزاندا ھاسىل قىلىنغان يادرولۇق ئامىل ئاساسىدا بىر قەدەر زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئاساسىي گەۋدە لايىھە ھۆججىتى بىلەن قوشۇمچە ھۆججەت لايىھەسىمۇ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى. ھازىر يەنىلا بىر قانچە قىيىن نۇقتىلار ھەل قىلىنمىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر جىددىي كېڭىشىۋاتىدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى مۇگايلىنى سۆھبەت مەيدانىغا توپلانغان تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە سۆھبەت جاپالىق بولىدۇ، ئەڭ ئاخىردا كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىش سىياسىي ئارزۇغا بېرىپ تاقىلىدۇ، ناۋادا كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۆھلىتىگە بىر قانچە كۈن بېرىلسە بەلكىم ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.

  27-ئىيۇن ۋىنادا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي بىلەن يېپىق يىغىن ئۆتكۈزگەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىف: سىز كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئۈمىدۋارمۇ دېگەن ئورتاق سوئالغا جاۋاب بەرگەندە: بىز بۇنىڭدىن ئۈمىدۋار، بىزنىڭ تېخى نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلىرىمىز بار. بىزنىڭ بەزى بىر ناھايىتى قول تۇتىدىغان مەسىلىلىرىمىز بار. ھەر ئىككىمىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقىچە تىرىشىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولامدۇ يوق بۇنىڭغا قاراپ باقىمىز دېدى.

  شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىگە كېررى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تەرەپلەر ھەقىقى تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىشى كېرەك، بىز بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ مۇھىم ئابىدە تىكلەشكە بەل باغلىدۇق، ئەمما بۇ نۇرغۇن ئامىلغا بېرىپ چېتىلىدۇ، بىز ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلدۇق.

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەينمېيىل گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر ھەل قىلىش لايھەسى تۈزۈشكە دەۋەت قىلىمىز، سىتەيىن مېيىل مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نىشانىمىز 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئەگەر سۆھبەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىسا ھەرقايسى تەرەپلەر مەغلۇپ بولغان بولىدۇ، ئىران يەنىلا يىتىم قالىدۇ بۇ رايوندا يەنە يېڭى ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى كۆرۈلىشى مۇمكىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توقۇنۇشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىمۇ مەغلۇب بولىدۇ.

  فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيوس 27-ئىيۇن سۆھبەت نەق مەيدانىدا مۇنداق دېدى: ئىران پۇختا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇچ شەرتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز پۇختا بىر كېلىشمگە مۇھتاج، ئۇنىڭدا ئىراننىڭ خەلق ئىشلىرىغا كېرەكلىك يادرو ئېنېرگيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنىشى، ئەمما ئىراننىڭ يادرو قورالىدىن ھەقىقەتەن ۋاز كەچكەنلىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كېرەك، بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ شەرت بار، بىرىنچى ئىراننىڭ يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىنى ئۇزاق مۇددەت چەكلەش،ئىككىنچى ئۇنىڭ ئالاقىدار سورۇنلىرى يەنى زۆرۈر بولغان ھەربى ئەسلىھەلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئۈچىنچى ئىران ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھامان دەرھال جازانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

  ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت 2013-يىلى 11-ئايدا ھاسىل قىلغان باسقۇچلۇق كېلىشىمگە ئاساسەن ئىران 2014-يىلى 20-ئىيۇلغىچە يادرو پىلانىنى مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلدى، غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىرانغا قارىتىلغان جازانى يېنىكلەتتى، ھەرقايسى تەرەپلەر شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشتى، ھەرقايسى تەرەپلەر كېيىن سۆھبەت ۋاقىتىنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتتى.

  نۆۋەتتە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇچۇرىدىن ھازىرغىچە ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتىنىڭ 30-ئىيۇنغىچە بولغان مۆھلىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە كۈنىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئايان بولدى، بۇنىڭ نەتىجسى قانداق بولىدۇ؟ كىشىلەر بۇنىڭغا دېققەت قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر