باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا، كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى مەخسۇس سۈرۈشتە قىلىندى

2015.07.01 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىنغا جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ليۇ يەندۇڭ بىلەن ئالتە مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۈرۈشتۈرۈشكە جاۋاپ بەردىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى 30-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىغا بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس سۈرۈشتە قىلىندى.

  يىغىنغا كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ سۈرۈشتۈرۈشكە جاۋاپ بەردى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرىكتۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارىلقىنى كۈچەيتىپ، ساپالىق ئەمگەكچىلەر بىلەن مەلىكىلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش شەرت، دەپ مۇھىم تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بۇ قېتىم مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليۇرىقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دائىمىي كومىتېت مەخسۇس سۈرۈشتە قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويدى. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر