باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گۆشلەر جۇڭگوغا ئەتكەس قىلىندى

2015.07.01 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تاموژنا باش مەھكىمىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا توڭلىتىلغان يىمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلىق بۇيۇملارغا قارىتا مەركەزلىك زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان، 6-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە تاموژنىدا 420 مىڭ توننا توڭلىتىلغان يېمەكلىك تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان. بولۇپمۇ گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى، تيەنجىن قاتارلىق دېڭىز بويى رايونلىرىدا سوممىسى نەچچە يۈز مېليون ھەتتا نەچچە مىليارد يۈەنلىك توڭلىتىلغان بويۇملار ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى.

  تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئەتكەس قىلىنغان توڭلىتىلغان بۇيۇملار كالا گۆشى، توخۇ گۆشى قاتارلىق توڭلىتىلغان گۆشلەردىن باشقا يەنە ھەرخىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بار ئىكەن. نۇرغۇن توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر ساقلاش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئەتكەس ماللارغا زەربە بېرىش ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بەزى دۆلەتلەر ئۇرۇش تەييارلىقى ئۈچۈن ساقلاپ قويغان توڭلىتىلغان بۇيۇملارمۇ ئەتكەس قىلىنىپ جۇڭگوغا كىرگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر