باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى روسىيەنىڭ سۇرىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.07.01 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رافلوۋ 29-ئىيۇن روسىيەنىڭ سۇرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمېتىنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كرىزىستىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۈگۈنكى روسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رافلوۋ شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن سۇرىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشكەندە، روسىيەنىڭ روسىيە-سۇرىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا بولغان ئاشكارىلىقى ۋە دوستانىلىكىگە مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، روسىيەنىڭ سۇرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمېتىنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، سۇرىيە ھۆكۈمېتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، نۆۋەتتىكى كرىزىستىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇئەللىم يەنە: ئامېرىكا سۇرىيە كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئاشكارە تەلەپ قىلغان بىلەن، يوشۇرۇنچە سۇرىيەدىكى تېررورلۇق كۈچلىرىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىدى، سەل ئىلگىرى تەخمىنەن 2500 نەپەر ئەڭ يېڭى تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان تېررورچىلار سۇرىيەنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىش بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار، دېدى.

  2011-يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، سۇرىيە دۆلەت ئىچىدە قوراللىق توقۇنۇش ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ھەرخىل قوراللىق مەزھەپلەر كۆرەش قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەسەبىي قوراللىق مەزھەپ «ئىسلام دۆلىتى» ۋە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى بولغان «قوللاش ئۇرۇش لېنىيەسى» ئەڭ پائالىيەتچان بولدى. ب د ت مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 220 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر