باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەمدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2015.07.03 19:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئىيۇل سائەت 9:07 دە گۇما ناھىيەسى چېگرىسىدا 6.5 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 37.6 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.2 گىرادۇستا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر، تەۋرەش مەركىزىنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر. دەسلەپكى ئىگىلەشكە قارىغاندا، سائەت 10:30 غىچە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە گۇما ناھىيەسىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، 33 ئادەم يارىلانغان.

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئەڭ ئاۋۋال خوتەن ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىدىن ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ دەرھال يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ چەكتە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر جىددى يىغىپ ئېچىپ، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن نەق مەيدانغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايون 2-دەرىجىلىك جىددى ئەھۋال سىگنالى تارقىتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر