باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىر ئۇسسۇلدا نام چىقىرىش» تور ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش خىزمىتى قىزغىن داۋاملاشماقتا

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى يۈرۈشلۈك خەۋىرى

2015.07.03 19:29   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

«بىر ئۇسسۇلدا نام چىقىرىش» تور ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش خىزمىتى قىزغىن داۋاملاشماقتا

مەيلى سىز نەپىس بالېت ئۇسسۇلچىسى بولۇڭ ياكى مودا كوچا ئۇسسۇلچىسى بولۇڭ ئۇسسۇل تالانتىڭىزنى نامايان قىلىش جۈرئىتىڭىز بولسىلا 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ «بىر ئۇسسۇلدا نام چىقىرىش» تور ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردە ئۇسسۇل تۈرى چەكلەنمەيدۇ، ئوقۇش تارىخىڭىزغا چەك قويۇلمايدۇ!
شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، تەڭرىتاغ تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تور ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش باشلاندى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان شەخس ياكى كوللېكتىپلار مۇسابىقىگە تىزىملاتسا بولىدۇ، تىزىملىتىش خىزمىتى 20-ئىيۇل ئاياغلىشىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ياش، جىنس، دۆلەت، مىللەت، مەدەنىيەت سەۋىيە، ئۇسسۇل تۈرى قاتارلىقلارغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ، تىزىملاتقانغا ھەق ئېلىنمايدۇ.
«بىر ئۇسسۇلدا نام چىقىرىش» پائالىيىتىدە ئۈچ تۈرلۈك كاتتا مۇكاپات سىزنى ساقلاپ تۇرماقتا، ئۇلار: 1-دەرىجىلىك مۇكاپات، بىر نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن) (باجدىن بۇرۇن)؛ 2-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر، 3000 يۈەن(باجدىن بۇرۇن)؛ 3-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر 1000 يۈەن(باجدىن بۇرۇن)؛ مۇنەۋۋەر مۇكاپات 10 نەپەر، 500 يۈەن ياكى 500 يۈەن قىممىتىدىكى مۇكاپات بۇيۇمى(باجدىن بۇرۇن).
قوشۇمچە: «بىر ئۇسسۇلدا نام چىقىرىش» پائالىيىتى ھەققىدە:
دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى 2015-يىلى 20-ئىيۇندىن 5-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، تەڭرىتاغ تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «بىر ئۇسسۇلدا نام چىقىرىش» تور ئۇسسۇل مۇسابىقىسى بولسا ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ساغلام، رەڭدار تۇرمۇشقا يېتەكلەش، ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇسسۇل بايرىمىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغاش مەقسىتىدە جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ھالدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
1. مۇسابىقە ئوبيېكتى:
دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان شەخس ياكى كوللېكتىپ بىردەك قاتناشسا بولىدۇ، ياش، جىنس، دۆلەت، مىللەت، مەدەنىيەت سەۋىيە، ئۇسسۇل تۈرى قاتارلىقلارغا چەك قويۇلمايدۇ.
2.. پائالىيەت ۋاقتى، ئۇسۇلى:
تىزىملىتىش باسقۇچى:
2015-يىل 25-مايدىن 20-ئىيۇنغىچە توردا تىزىملىتىلىدۇ، تىزىملىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ.
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۇسسۇلىنى سۈرەتكە ئېلىپ، «تېڭشۈن ئېكرانى»غا يوللاپ، تىزىملىتىش بەلگىلەنگەن توردا تىزىملىتىش جەدۋىلىنى تەلەپلەر بويىچە تولدۇرسىلا بولىدۇ.
باھالاش ۋاقتى:
2015-يىل 21-ئىيۇلدىن 10-ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، توردا بېلەت تاشلاش %40+مۇتەخەسسىسلەر باھالاش %60 بولىدۇ.
مۇكاپات تارقىتىش ۋاقتى:
2015-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى (كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلىۋاتىدۇ)
3. مۇسابىقە تەلىپى
1. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ماتېرىيالى ھەقىقىي، توغرا بولۇشى كېرەك.
2. مۇسابىقىگە قاتاناشتۇرۇلىدىغان ئۇسسۇل تۈرى چەكلەنمەيدۇ، شەخس، كوللېكتىپ(20 ئادەمدىن ئاشماسلىقى كېرەك، 20 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىردەك مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ.
3. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەۋەتكەن ۋېدىيو سۈزۈك، تامغا بېسىلمىغان بولۇشى؛ ئۇسسۇل مەزمۇنى ساغلام بولۇشى كېرەك.
4. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
تىزىملىتىش تېلېفونى: 0991-8521520
QQ نومۇرى: 2817606499
ئېلخەت: 2817606499@qq.com
5. مۇكاپات تۈرى
1-دەرىجە بىر نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن(باجدىن بۇرۇن)؛
2-دەرىجە بىر نەپەر، 3000 يۈەن(باجدىن بۇرۇن)؛
3-دەرىجە بىر نەپەر 1000 يۈەن(باجدىن بۇرۇن)؛
مۇنەۋۋەر مۇكاپات 10 نەپەر، 500 يۈەن ياكى 500 يۈەن قىممىتىدىكى مۇكاپات بۇيۇمى(باجدىن بۇرۇن).
مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تەرەپكە مەنسۇپ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى