باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گۇما ناھىيەلىك خەلق قوراللىق قىسمى يەتتە نەپەر ئاممىنى قۇتقۇزۇۋالدى

2015.07.03 19:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدە 3-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، گۇما ناھىيەلىك خەلق قوراللىق قىسمى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۇما ناھىيەلىك خەلق قوراللىق قىسىمى دەرھال جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، قوراللىق قىسىم باشلىقى يۈ جۇنيەن 40 نەپەر ئۇيغۇر خەلق ئەسكىرىنى باشلاپ سائەت 10:00 ئەتراپىدا تەۋرەش مەركىزى بولغان گۇما بازىرى 11-كەنتىگە كېلىپ، يەر تەۋرەشتە كۆمۈلۈپ قالغان يەتتە ئاممىنى قۇتقۇزغان، بۇنىڭدىن باشقا 65 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوراللىرىنى ئېلىپ قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە ئاتلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر