باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل مەركەزنىڭ 2-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 11 ئورۇنغا باردى

2015.07.03 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 2-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشى يېقىندا مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەتلىك تۆمۈريول ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، خەلق گېزىتى ئىدارىسى، جۇڭگو قورال-ياراغ سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو قورال-ياراغ جابدۇق گۇرۇھى شىركىتى، ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو ئاليۇمىنچىلىق شىركىتى، جۇڭگو پوچتا-تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى قاتارلىق 11 تارماق، كارخانا كەسپى ئورۇننى مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە ئالدىنقى نۆۋەتلىككە ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىلىدىكەن، يەنى بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇننى تەكشۈرىدىكەن، ۋاقتى ئىككى ئاي بولىدىكەن. مەركەزنىڭ تەلىپى ھەم تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈلگەن ئورۇن رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى ھەم مۇھىم ئورۇندىىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئىنكاس قىلىپ كەلگەن خەت، تېلېفون، ئەرزلەرنى ئاساسلىق قاراپ چىقىدۇ، مۇھىم نۇقتىنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، سىياسىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، كادىرلارنى تاللاش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەرز ۋە ئىنكاسلارغا قارىتىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ قاراپ چىقىش دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان باشقا ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈلگەن ئورۇن ۋە ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر