باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

2015.07.02 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئىيۇل تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە، ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇش، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادىمىيلىكتە راستچىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان - ئاشۇرمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم سىناق. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى زوركۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چۈشىنىشتە، ئىسلاھاتنى پىلانلاشتا، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە راستچىل بولۇپ، ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن ھەم ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش تورى قۇرۇش لايىھەسى»، «رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسى»، «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر