باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمگەك كۈچلىرى نوپۇسى يېتەرلىكمۇ؟

2015.07.03 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2014- يىلى دۆلىتىمىزدىكى 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نۇپۇس 916 مىليون كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3 مىليون 710 مىڭ كىشى ئازايغان ھەم بۇ ئۇدا ئۈچىنچى يىلى تۆۋەنلىشى ئىكەن.

  ئەمگەك كۈچلىرى نوپۇسى مۇتلەق سانى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئازىيىش سۈرئىتى قېرىلىشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەمگەك كۈچلىرى ئومۇمىي سانى تۆۋەنلەپ، ئىچكى جەھەتتە قېرىلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن

  «يالغۇز پەرزەنتنىڭ قېيىنئانىسى ۋە ئانىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى 80- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، چۈنكى كۆپ سانلىق كىشىلەر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئەر باش پىرسۇناژغا ئالتە ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بىر ئائىلىدە ئەمگەك كۈچى ئاز بولۇش، بېقىش خىراجىتى كۆپ بولۇش جۇڭگودىكى رىئال ئەھۋال. يېقىندا شەنشى ئۆلكىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2014- يىللىق شەنشى ئۆلكىسى نۇپۇس تەرەققىيات دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۆلكە بويىچە ئەمگەك يېشىدىكى نۇپۇس 2013- يىلىدىكىدىن 112 مىڭ 600 كىشى ئازايغان. ئىجتىمائىي ئومۇمىي بېقىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىجتىمائىي بېقىش يۈكى 2012- يىلىدىن بۇيان تەدرىجىي ئېغىرلىغان، 2014- يىلى %31.7 بولۇپ، 2013- يىلىدىكىدىن 0.59 پوئېنت پىرسەنت، 2010- يىلىدىكىدىن 1.42 پوئېنت پىرسەت ئۆرلىگەن، نۇپۇسنىڭ پايدىلىق كۆپىيىشى يوقالغان.

  بۇ ئايرىم ئەھۋال ئەمەس. دۆلىتىمىز ئەمگەك كۈچلىرى نۇپۇسىدا 2012- يىلى بۇرۇلۇش بولغاندىن كېيىن، ئەمگەك كۈچلىرى نۇپۇسىنىڭ ئومۇمىي سانى داۋاملىق ئازايدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2014- يىلى 16 ياشتىن يۇقىرى 60 ياشتىن تۆۋەن(60 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەمگەك يېشىدىكى نۇپۇس 916 مىليون كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3 مىليون 710 مىڭ كىشى ئازايدى، بۇ ئۇدا ئۈچىنچى يىلى تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  «ئەمگەك يېشىدىكى نۇپۇس سانىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا توختالغاندا، شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ئەمەلىيەتتە ئەمگەك يېشىدىكى نۇپۇسنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغان، ئەمگەك يېشىدىكى نۇپۇسنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى قېرىلىشىش يۈزلىنىشى ئاللىبۇرۇن كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئەھۋال.» غەربىي جۇڭگو مالىيە ئۇنىۋېرىستېتى نۇپۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ چېڭگاڭ مۇنداق دېدى: 19 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نۇپۇستا 40 ياشتىن ئاشقانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار دۆلىتىمىز تارىخىدىكى 1- قېتىملىق تۇغۇت دۇلقۇنى(1950-1957)، 2- قېتىملىق تۇغۇت دولقۇنى(1962-1972)دا تۇغۇلغان، ھازىر ھېلىھەم ئەمگەك يېشىدا بولسىمۇ، بىراق ياشانغانلار نۇپۇسىغا قېتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نۇپۇس ۋە ئەمگەك، ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى چېن چيۇلىن مۇنداق دېدى:2013- يىلىغا بارغاندا ئەمگەك كۈچلىرى نۇپۇسى سانىنىڭ مۇتلەق ئېشىش يوقالدى، ئابىدە خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرى مۇتلەق سانى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بىراق ئەمگەك كۈچلىرى يېتەرلىكمۇ قانداق دېگەن مەسىلىدە نۇپۇس سانىغىلا قارىماستىن، يەنە قۇرۇلمىسى، سۈپىتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئامىللارغىمۇ قاراش كېرەك، مەسىلەن ياشانغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكمۇ قانداق دېگەندەك. جىنس پەرقىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ ئىزچىل ئېشىپ، تەڭپۇڭسىز ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن. ياش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 2014- يىلى 6- ياشتىن ئاشقانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %15.5 نى ، 65 ياشتىن ئاشقانلار %10.1 نى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويغان. بۇ ئامىللار ئەمگەك كۈچى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر