باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ساياھەتچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ۋىزا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ

2015.07.02 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [شىنخۇر تورى، بېيجىڭ، 1-ئىيۇل تېلېگراممىسى] شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شىنخۇا خەلقئارا» مۇئامىلىدارلار سۇپىسىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە قانۇنچىلىق مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: ئوتتۇرا شەرق نەپەس يىغىندى كېسەللىكى يۇقۇمى (MERS)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ساياھەت كەسپىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، كورېيە جڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قىسمەن دۆلەتلەردىن كوللىكتىپ ساياھەتكە كېلىدىغانلاردىن ئېلىنىدىغان ۋىزا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدىكەن.

  شىنخۇا خەلقئارا مۇئامىلىدارلار سۇپىسى ئېرىشكەن كورېيە قانۇنچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئىيۇلدىن 30-سېنتەبىرگىچە، جۇڭگو، كامبۇدژا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنامدىن كورېيەگە كوللىكتىپ ساياھەتكە كېلىدىغانلار ۋىزا ھەققىي تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ كوللىكتىپ ساياھەتچىلىرىدىن تەخمىنەن كىشى بېشىغا 15 دوللار ۋىزا رەسمىيەت ھەققىي ئېلىنىدىكەن.

  باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: كورېيەنىڭ ئەنئەنىۋى ساياھەت بېسىق مەزگىلى 7-ئاي ۋە 8-ئاينى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 1-مارتتىن 30-ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە تارقىتىلغان قىسقا مۇددەتلىك چېگرادىن كىرىش ۋىزىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئىلگىرى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغا ئۇزارتىلىدۇ. كورېيە قانۇنچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 1 مىليون 900 چەت ئەللىكتە بۇ خىل ۋىزا بار ئىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر