باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

2015.07.03 19:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مەھەللە كادىرلىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 1 - ، 2 - ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مەھەللە كادىرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللە خىزمىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى ئامما بىلەن باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە رىشتە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى چۆرىدەپ، خىزمەتنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىغا ئىشىنىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر بۇ ئىككى كۈندە تومۇز ئىسسىققا قارىماي مەھەللە، مەسچىت، قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، مىللەت، دىن خىزمىتى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 8 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، شەھەردىكى مەھەللە تەشكىلاتلىرى ئەسلىدىكى 400 نەچچىدىن 839غا كۆپەيدى، ھەممە مەھەللە خادىمى، بازىسى، خىراجىتى بولۇش قاتارلىق «ئون بولۇش»تەك ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولدى. تەڭرىتاغ رايونى داۋان تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى «مىڭخۇا» كوچىسى مەھەللىسى ئاپتونوم رايون بويىچە سىنلىق نازارەت قىلىش ئۆيى ۋە رەقەملىك سۇپا قۇرغان تۇنجى مەھەللە. شۆھرەت زاكىر بۇ مەھەللىگە كېلىپ، مەھەللىنىڭ رەقەملىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇر سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سىنلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق «مىڭخۇا» كوچىسى مەھەللىسى شىمالىي 4 - كوچا قاراۋۇلخانىسىنىڭ نەق مەيدان مەشىقىنى كۆردى.

  مەھەللىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا، مەھەللە ئاھالىسى جاڭ ياجۈەن خۇشال ھالدا شۆھرەت زاكىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەھەللىمىزنىڭ مۇھىتى ناچار ئىدى، ھازىر يول ياخشىلاندى، كوچا چىراغلىرى ئورنىتىلدى، پار ئىسسىيدىغان بولدى، تۇرمۇشىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى! 68 ياشلىق پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەزىز نىياز ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: ھازىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق مەھەللە كادىرلىرىنى خالىغان چاغدا ئىزدىيەلەيمىز، مەھەللە بىزنى تۈرلۈك قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، بىللە ياشاپ ناھايىتى بەختلىك ئۆتۈۋاتىمىز.

  شۆھرەت زاكىر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى مەمنۇن بولدى ھەم پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرى زىممىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچى ۋە زور مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭچە ياخشى كادىر بولۇش تەلىپىگە بىنائەن داۋاملىق تىرىشىپ، خىزمەت سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەھەللىلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ رازى قىلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاق مەسچىتتە دىنىي زاتلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مەسچىتنىڭ ھازىرقى دىنىي پائالىيەت ۋە تۈرلۈك باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ئاڭلىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ «بەشتە ياخشى» دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، توغرا ئېتىقادنى پائال تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يېڭى رايونىدا كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، يېڭى رايوننىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شۆھرەت زاكىر يەنە تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق تارماق رايونى، مېترو 1 - لىنىيەسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ۋە شەرقىي 2 - ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر